يالغۇر كىچىدە يەنە بىر تەپەككۈر
ياپونىيەنىڭ تەيفىڭ بورىنىنى بۈگۈن ھېس قىلغاچ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئولتاردىم، تالادا غۇرقىراپ بوران چىقىۋاتاتتى.
كەچتە ئاددىراق بىرەر نېمە قىلىپ يىيىشنى پىلان قىلىپ،توڭلاتقۇدا نېمە بارلىقىنى ئەسلەشكە باشلىدىم، رامىزاندىن ئېشىپ قالغان ئالمىلىرىم بار ئىدى، ئۇنى ئادەتتە قوي سۈتىدىن قىلغان پىشلاق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يىسەم ئاجايىپ لەززەتلىك بىر مەززە بولاتتى، ئەمما بىر تال قالغاندەكلا ئېسىمدە ئىدى. ئەگەر بىر تال قالغان بولسا ئۇنى ئەتىگە قويۇپ ئەتە يەي دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە…
دەرۋەقە توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ سەكرەپ كەتكىلى تاس قالدىم، چۈنكى توڭلاتقۇدا 2 دانە ئالما بار ئىدى، گەرچە باشقا مىۋىمۇ ۋە يەيدىغان تامىقىم بولسىمۇ، ئەمما ئالما يېگۈم بار ئىدى، ئىچ-ئىچىمدىن ئاللاھقا نىسبەتەن بىر خىل مىننەتدارلىق ھىسياتىدا ئىچىمدە “ئاللاھۇ ئەكبەر، مېنى مۇشۇ يالغۇز كېچىدە يوقلىغىنىڭغا مىڭ رەھمەت” دەپ ۋارقىرىۋەتتىم، كۆزلىرىمدىنمۇ ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى، بەلكىم مەندىكى بۇ خىل ھىسياتنى مۇساپىر بولۇپ باقمىغان ئادەم ھىس قىلالمىسا كېرەك.
دەرھال ئوڭ تەرەپتىكى ئالمىنى ئالدىمدە، ئەمبەلنى ھازىرلاپ، كىچىككىنە ئاددىي ئەمما ھوزۇرلۇق ئالما-پىشلاق سالات تەييارلاشقا كىرىشتىم، ئەمما ئالمىنى قولۇمغا ئېلىپ ئاقلاشنى باشلىشىم بىلەن كۆز ئالدىمدىكى ئىشنى كۆرۈپ كۈلۈپ سالدىم. بۇ كۈلكەم ئاچچىق كۈلكىمۇ ياكى تاتلىق كۈلكىمۇ ئۆزەممۇ بىلەلمىدىم. چۈنكى قولۇمدىكى ئالما ئىچىدىن سېسىپ كەتكەن ئىكەن،رامزاندا شۇ خالتىدىكى ئالمىدىن بىرەرسىمۇ زىدە چىقمىغان ئىدى. بەلكىم بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ياكى بىرەر بىشارەتمۇ ئىش قىلىپ بىلەلمىدىم ھەمدە دەرھاللا قۇرئاندىكى بىر ئايەت ئېسىمگە كەلدى.
شۇنداق، ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار، ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار.
بەلكىم مېنىڭ مۇشۇ بىلىم ئىشقىدا بولۇۋاتقان مۇشۇ مۇساپىرچىلىق ئازاپلىرىممۇ بىر ئاسانلىق بىلەن خاتىمە ئالسا كېرەك، ئىنشائاللاھ…
يېرىم سېسىق ئالمام بىلەن قىلغان سالاتنى يىگەچ، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئويلىنىشقا باشلىدىم…
قانچىلىغان كىشىلەر بۇ تېمامنى كۆرسە، ما بالا ساراڭ بوپتۇ دەپمۇ قالارمۇ؟!