خەير ۋەتىنىم، خەير مېنىڭ ناراسىدىلىرىم
ئىپلاس ئايال ئاخىرى مېنى بالىلىرىم ۋە ۋەتىنىمنى تەرك ئىتىشكە مەجبۇر قىلدى
شۇنداق،بەلكىم تەغدىرىم بولسا كېرەك، قانچە قېتىملاپ ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم،نىمىشقا مۇشۇ ئپلاس ئايال بىلەن توي قىلىپ قالغان بولغان بولغۇيتۇم دەپ، دىمىسىمۇ ئۇ چاغدا نەچچىلىگەن قىزلار مەن ئۈچۈن كۆز يىشى تۆكۈپ،كۆڭلى يېرىم بولغاندا، مەن قىلچە يۈز-خاتىرە قىلماي ئۇلارنى رەت قىلغان ئىدىم. مانا نا ئىلاج، بەلكى شۇلارنىڭ كۆز يېشى تۇتقان بولسا كېرەك، مۇشۇنداك ئىپلاس سۈپەت ئايالغا ئىشىنىپ ئۈمىتلىنىپ، شۇنچە يىللارنى ئۆتكۈزۈپتىمەن، ئەمما ھەقىقەت ھامىنى ھەقىقەت، مىڭ پەردازلانسىمۇ بۇ ئىپلاسنىڭ قۇيرۇقى ئاخىرى كۆرۈنۈپ قالدى.
نەچچە رامزانلار ئۆتتى، ئىچىمدىن قان يىغلىدىم، ھىچكىمدىن بىر ياردەم كەلمىدى، ئاغرىپ قېلىپ نەچچە كۈنلەپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغاندىمۇ بىر ئاللاغا سېغىنىپ ئاچ قوساق ئۆتكەن ۋاقتىلىرىم بولدى،ئاخىرى يەنە كۈچۈمگە كېلىپ ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى قىلدىم. مەن بۇ يەردە يالغۇز غېرىپ كىچە -كۈندۈز ئىشلەپ يۇرۇپتىمەنۇ، ئەمما بۇ ئىپلاس قارا نىيەت ئايالىم كەينىمدىن يولدىغىم چەتئەلدە توي قىلىۋالدى دەپ سۆز -چۆچەك قىلىپ، ئۆزىنى ئاق كۆرسىتىپ يۈرۈپتۇ،توۋا دىدىم ئۆزۈمگە توۋا،ئاللانىڭ قىساسى يىراق ئەمەسكاززاپ مۇناپىقلار ئۈچۈن…
تېلىفون مەن ئۈچۈن تەس ئىشمۇ ئەمەس، بالىلىرىمنى يوقلاش ئەلۋەتتە بىر دادىنىڭ بۇرچى، ئەمما بالىلىرىمنى گۆرۆگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىپلاس نىيىتىنى ئاق قىلىپ كۆرسەتكەن ئايالغا نىمە ئىلاجىم،چۈنكى مېنىڭ بالىلىرىمغا بولغان مىھرى مۇھەببىتىم،ئۇنىڭ ئىپلاس نەيرەڭلىى بىلەن ئوڭ تاناسىپلانغان، مەن بالىلىرىمغا شۇنداقلا ئالاقە قىلدىم ياكى يۈزلەندىم، بۇ ئىپلاسمۇ شۇ يەردە پەيدا بولۇپ كونا خاماننى يۈزۈمگە نەشتەر قىلىپ تىقىدۇ،ئامالسىزمەن، ھەقىقەتەن ئامالسىزمەن، ۋەتەن دەپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ سەرسانە سەرگەردان بولۇپ، ھاياتلىقىمنىڭ ئەڭ ئېسىل ۋاقتىلىرىنى مۇساپىرچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ يۈرۈپتىمەن، ئەمما ۋەتىنىم ماڭا نىمە قىلدى،ئادەملىرىمچۇ؟ كەينىمدىن سۆز چۆچەك تۈگىمىدى، ھەتتا قاتتىق يەر تەۋرەش، رادىئو بۇلغۇنۇشلاردا يۈرىكىم تەشۋىش ئىچىدە كىچىلەردە ئۇيقۇسىز ئۆتكەندىمۇ بىر ئاتا-ئانامدىن باشقا ھىچكىم مەندىن قانداقراق ئەھۋالىڭ دىمىدى، مانا بۇ ھەقىقەت. بەزىدە ئويلايمەن، بەلكىم مېنىڭمۇ ھەمداشلىقىم شۇنچىلىكلا بولسا كېرەك. كۆرسە ھالى قالمايدۇ، كۆرمىسە كارى بولمايدۇ دىگەن مانا مەندە ئۆز ئەكسىنى تاپتى.
نىمە ئىلاج؟ ئىنسان بولۇپ تۆرەلگىنىم ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشىم كېرەكتە، ھەم نىشانىم ئۇلۇغ يولۇم يىراق، ئەمما ئاللاھ راسلا مېنى ئۆز پەرزەنتىلرىمدىن يىراق قىلغان بولسا بۇنىڭغىمۇ ئىلاجىم يوق، بەلكى ئۇلارمۇ بىر كۈنى چۈشۈنۈپ يىتىدۇ، ۋە بەلكىم چۈشەنمەيدۇ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالىمدا ۋەتەندىن بالىلىرىمدىن كەچمەي باشقا ئامالىم قالمىدى، مەن ھەقىقەتەن تىرىشتىم، مەينىتىمنى تازىلاپ يېڭى تۇرمۇش باشلاشقا ئۇرۇندۇم، بالىلىرىم ئەقلىنى تاپماستا، ئۇلارنى ئۆز تەربىيەمگە ئېلىشقا تىرىشتىم ، نىھات، ماڭا ئىمكان بولمىدى، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ بۇنچە رەزىل ۋە ئىپلاس قارا نىيەت بولۇشىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن، مانا ئەمدى ئۆز ئەمىلىيەتلىرىمدە بۇنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتىم!
خوتۇن يولدا، بالا بەلدە، تېپىلمايدۇ ئاتا-ئانا، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يولۇمدا يەنىلا ئىلىم-پەننىڭ پېشىغا ئېسىلاي، ياشانغان ئاتا-ئانامنى غەمدىن خالاس قىلاي، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى غەملىرىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ يۈرىۋەرسەم بولماس، ئۇلارمۇ خاتىرىجەم كۈنىنى ئۆتكۈزسۇن، ئويلىسام مېنىڭ بوۋاممۇ بولشىۋىكلارنىڭ قانلىق قىرغىنلىقى تۈپەيلى مۇساپىر بوپتىكەن، گەرچە مەن ئۇنداق كۈنگە ئۇچرىمىغان بولساممۇ، بۇ ئىپلاس ئايالنىڭ قارا نىيىتى مېنى راسلا نۇرغۇن ئارزۇلىرىمدىن تاندۇردى. قېنى بۇنىمۇ كۆرەرمەن،يولۇمغا راۋان بولۇشۇم كېرەك، ئالدىمغا قاراپ مېڭىشىم كېرەك، ئاللا رىسقىمنى سالغان ئەلگە بېرىپ شۇ يەردە يېڭى بىخ سۈرۈشۈم كېرەك، چۈنكى بۇ ھايات ماڭا بىرلا قېتىم كەلگەن. بىر ئىپلاس ئايال مېنى يىقىتىشى خام خىيال، شۇم نىيىتى ئۆزىگە زۇلۇم بولسۇن قارا يۈز ئىپلاس!
خەير ۋەتىنىم، خەير مېنىڭ ناراسىدىلىرىم، مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەرمۇ دادىسىز بوپ قالدىڭلار.