دوستۇم بلوگى Dostum Blog

Assalamu Alaykum! Merhaba!

ئاللاھۇ ئەكبەر! يېڭى يىلىم ياخشى باشلاندى…

ئىنكاس يېزىش »

         

           ئاللاغا مىڭ قەدەر شۈكرى، 2012-يىلىم ياخشى باشلاندى.

          ئاتا-ئانامغا تېلىڧون قىلدىم، تۈگۈنلەر يىشىلدى، دۇئاسىنى ئالدىم.

         دوست بۇرادەرلىرىمگە تېلىڧون قىلدىم،مېنى ئۇنۇتقانلارنى ئېسىگە سالدىم، سۆيگەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ئوتلارنى سالدىم، دۈشمەنلىرىمنىڭ كۆڭلىگە غەشلىكلەرنى سالدىم.

          ياخشى تاماق قىلىپ يىدىم، تامىقىم ھەم ئوخشىدى، ئەپسۇس ھەر كاپام غىزايىمدا بالىلىرىمغا سىقىنىپ تۇرۇپ يىدىم…

         يۇيۇنۇپ،پاكلىنىپ،قۇرئاندىن «زۇمەر» سۈرىسىنى ئوقۇپ مەزمۇنىنى ئويلاندىم،شۇنداق ئاللاھ ئىنساننى شۇنداق ئۈچ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بارلىققا كەلتۈرۈپ،ئادەم ئەلەيھىسالامغا ئۈگەتكەن بىلىملىرىنىڭ ھىسابىنى قىيامەتتە ھەر بىر بەندىسىدىن ھىساپلاپ ئالىدۇ،بىز ھەم قىيامەتكىچە ئاللاھنىڭ ئىنسان قەلبىگە سالغان بىلىملىرىنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالدىدا لاياقەتلىك جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تىرىشىمىز…

         ئىچىمدە تۈمەنمىڭ ئارزۇلار بىلەن نەتىجىسىنى ئاللاھتىن تىلەپ، 2012 كالىندارىنىڭ تۈنجى ۋارىقىنى يىرتتىم،كۆز ئالدىمدا ئىتالىيەنىڭ ھەيۋەتلىك دولومىتىس DOLOMITES  تاغ چوققىلىرىنىڭ قار ئىچىدە ئورىنىپ تۇرغان سىماسى…

          بىر ئايدىن بېرى ئېلىشىپ، تىركىشىپ كەلگەن تەتقىقاتىممۇ بۈگۈن شۇنداق چىرايلىق نەتىجە بەردى،خوشاللىقىمدا بېشىم ئاسمانغا يەتتى،تۆت خىل ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ تاشقى پوستىدىن ئايرىپ ئالغان ئاقسىللارنىڭ سىگىنالىنى يىشىشنىڭ بىر مۇھىم نەتىجىسىگە ئېرىشتىم،ھەر ۋاقىت ئېنگىلىزچە ماتىرىيال بىلەن ھەپىلىشىپ، بۇنى بۇ يەردە قانداق قىلىپ ئاممىباپ بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدىم.مۇشۇ تەجرىبەمنىڭ ئۆزىگىمۇ ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 5 كۈن ۋاقىت كەتتى،نەچچە يۈز باسقۇچنىڭ بىرىدىن خاتا كەتسەم ھەممە نەتىجە يوق بولاتتى، بىر تامچە كۆز يىشىنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەجىمدىكى بوشلۇق ئىچىدە تەجرىبىلىرىم ئېلىپ بېرىلدى، مېنىڭ ئىشلىرىم مانا شۇنداق زىل ئىش، بەلكىم شۇڭا قەلىبلىرىممۇ شۇنچە زىللىشىپ كەتسە كېرەك.

          شۇنداق 2012 مەن ئۈچۈن مۇھىم بىر يىل، بۇ ھەر ۋاقىت كاللامدا ئېنىق بىر ئۇقۇم،ئاللاھ ئۆزى ئاسانلىق بەرگەي!

ئاسماندا ھىلالە،قەلبىمدە ۋەتەن،

سېغىنىش ئىلكىدە بۇغېرىب بەدەن.

كەلدى يىل سۈرئەتتە،ئالدىمدا قەدەم،

پۇرسەت يوق غەشلىككە،تىرىشقىن ھەردەم.

time_is_making_fools_of_us_by_wickedowl514-d48lc1i

 

ئاپتور: Dostum

2012/01/02 دە 01:18

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

ئەگىشىش

Get every new post delivered to your Inbox.