2001.يللى مەرھۇم نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ، تەمبور كىچىلىگىدە ئۇقۇلۇپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ساراسىمگە سالغان ، پۇتۇن ۋەتەندىكى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر ۋە يازغۇچى ، مىللى كادىرلارنى، 1ئاي سىياسىي ئۆگىنىشكە سەۋەپ بولغان، ئۇت يۇرەك شائىرمىز تۇرسۇنجان ئەمەت ئاكىنىڭ ، (قانغا بويالغان ناخۇل )
تۇرسۇنجان ئەمەت
نالەڭدىن خىجالەت ئىلكىدە قۇياش،
ناخۇندىن تۆكۈلدى پەلەكتىن قان ياش…
مۇڭ بىلەن خۇن بولدى زاماننىڭ باغرى،
نە تەندە جان قالدى، نە جانغا چىداش…
ئېڭرىدى ئۇيغۇرنىڭ باغرىدا نالە،
كۈيلىرىڭ پىغانى ئاللاھقا سىرداش…
چىكىلگەن تار ئەمەس تاڭدىكى يىغا،
باغرىڭدا ئوت يانسا ئىرىپ كىتەر تاش…
قانداقمۇ سىغقاندۇ كۆكسىلىرىڭگە مۇڭ،
ئىيتىڭلار باغرىڭلار كىم بىلەن مۇڭداش؟
بىسىلغان پەدەڭگە باش قۇيغۇم كەلدى،
توۋا دەي يىغلىماي تۇرۇپتۇ قۇياش…
چىتىلغان زەنجىردۇر ئەجدادىي-ئەۋلاد،
تەشۋىشلەر سىياقى قان بىلەن رەڭداش،
نۇرلانسا ئەجەپ ئەمەس ئەجرىڭدىن دۇنيا،
سەنئەت بۇ! ئەمەس بۇ، ۋىجداننى بۇياش…
كۆرىمەن خىيالەن تىرناقلىرىڭ قان،
بىر تەنھا سىياقىڭ تاڭدىكى ئىڭراش،
تىترەيدۇ سىملاردا ھەسرەتنىڭ دېغى…
بۇ مۇڭغا كىملەر يات كىملەر تەغدىرداش…
ساناقسىز سىملارنى خەلقىڭ ئۈچۈن چەك ،
بىلىپ قال دۇنيا مانا بۇ ياشاش…
تۇرسۇنجان ئەمەت
جاۋاب يېزىش