ناۋات ياساش تېخنىكىسى


image

ناۋات خىرۇستالدەك سۈزۈك،پارقىراق كىرىستال جىسىم بولۇپ،ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل تاتلىق،مەززىلىك يىمەكلىكلەرنى ياساشقا،چاي دەملەشكە ۋە دورىلارغا ( قىسمەن ) قۇشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ياساش تىخنىكىسى تۆۋەندىكىچە:
خام ئەشىيا: ئاق شىكەر79.5kg،سۇ 20kgمۇۋاپپىق مقختىداردا تۇخۇم قۇشۇلىدۇ.
مەشغۇلات تەرتىپى:ئاق شىكەر ـــــ ئىرىتىش ــــــــ چەككلەش ـــــ سۈزۈش ـــــ تىندۇرۇش ـــــ ئەتىراپىغا توپان يۆلەش ــــــ ئاستىدىكى سۈيىنى چىقىرىش ـــــ قاچىدىن چىقىرىش ـــــ تەييار مەھسۇلات.
1-شىكەرنى ئىرىتىش:ئاق شىكەر سۇغا سىلىنىپ(شىكەر بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى 10:2.5)قاينىتىلىدۇ.تۇخۇمنىڭ ئىقى بىلەن (بىر تۇخۇمنى بەشkg غىچە سۇ بىلەن تەڭشەپ )چەككلەپ ئاندىن قازاندىن سۈزۈلىدۇ.
.2-شىكەرنى قاينىتىش:شىكەر قىيامى چەككىلىنىپ سۈزۈلگەندىن كىيىن يەنە قازانغا قايتۇرۇلۇپ 105 سىلىنسىيە گىرادۇسلۇق تىمتۇراپتۇرىدا قاينىتىلىپ،شىكەر قىيامى سۇغۇق سۇ قۇيۇلغان قاچىغا تىمىتىلىدۇ.ۋە قۇلغا يۆگىگەندە <<يۇمشاق يىپەك>>تەك يۆگەلسە قىيامنى قازاندىن چىقىرىشقا بولىدۇ.
3-ناۋاتلاشتۇرۇش:ئاغزى چوڭ،ئاستى كىچىك،مىتالدىن ياسالغان قاچا ئۈستىگە ئىككى دانە مۇۋاپپىق چوڭلۇقتىكى ياغاچ كىسىشتۈرۈلۈپ قۇيۇلىدۇ.ياغاچقا سىمىتىرىك قىلىپ تۆتتال يىپ قاچا تىگىگە تىك قىلىپ ساڭگىلىتىپ قۇيۇلىدۇ،يىپنىڭ تىڭ بولىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يىپقا ئىغىرىراق بىر جىسىمنى باغلاپ قۇيساق بولىدۇ.قاچا تەييا بولغاندىكىن قاينىتىلىدىغان قىيام قاچىغا قۇيۇلىدۇ.قاچىنىڭ ئەتىراپىغا توپاندىن تۇسۇق قۇيۇپ،ئۈستى قەغەز ياكى رەخىت بىلەن يىپىلىدۇ.قىش پەسىلىدە تۇسۇق توپاننىڭ كۆپىرەك بولغىنى ياخشى.ياز پەسىلىدە ئازىراق بولسىمۇ بولىدۇ.تېمپېراپتۇرا <<ناۋاتلىشىش>>قا مۇۋاپپىق بولىشى لازىم.
ناۋات چىقىرىۋىتىش:شىكەر قىيامى قاچا ئىچىدە يەتتە كۈن تۇرغاندىن كىيىن ناۋات كىرىستاللىشىپ بولىدۇ.بۇ جەرياندا قاچىنى پەقەت مىدىرلاتماسلىق كىرەك.ناۋتنى چىقارغاندا ،ئالدى بىلەن قاچا ئۈستىگە يىپىلغان توپاننى ھەمدە شىكەرنىڭ كۆپىكىنى ئىلىۋىتىپ كىرىستال ئ.ەتىراپىدىكى قالدۇق سۇغا چىقىرۋەتكەندىن كىيىن قاچىنى دۈم قىلىپ تۆكۈلىدۇ.قالدۇق سۇلار تىمىپ تۈگىگەندىن كىيىن ياغاچ كالتەكچە بىلەن قاچىنىڭ ئەتىراپى ۋە ئاستىغا يىنىك يىنىك ئۇرۇپ ناۋات چىقىرىلىدۇ.
رەڭگى ئالتۇن سىرىق ياكى ئاق رەڭلىك بولىدۇ. تۈزۈلمىسى قاتتىق چۈرۈك ساپ بولىدۇ.

1 thoughts on “ناۋات ياساش تېخنىكىسى

Add yours

باھا يېزىش

Website Powered by WordPress.com.

ئۈستى ↑